UyghurMain Dictionary
جامائەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپچىلىك ئاددىي خەلق.
ئاممىدىن ئايرىلغان _ تۆكۈلگەن غازاڭ. ئامىغا كەلگەننى تەڭ تارتماق مىسالى توي. ئاۋام خەلق _ دۆلەتنىڭ ئاساسى. جامائەتتىن ئايرىلغان ئادەم _ جاڭگالدىكى بېلىق. جامائەتنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشمەك ئەڭ چوڭ بەخت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم دائىرىدىكى ھەممەيلەن.
«كۆپ»، «خەلقى ئالەم» شەرتلىك ھالدا «كۆپچىلىك» كە مەنىداش؛ قاراتما سۆز بولالمايدۇ، خىتاب قىلىنمايدۇ؛ بۇ قاتاردىكىلەر ھەممىسى كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئالمايدۇ.
كۆپچىلىك ئاتقان تاش يىراققا چۈشىدۇ. كۆپ تۈكۈرسە كۆل بولار. كۆپنىڭ كۈچى كۆپ. خالايىق كۆرسۇن ۋە بىر نېمە دېسۇن. جامائەتكە ھۆرمەت قىل. جامائەتنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلىگەن كىشى ئەك بەخىلىكتۇر. ئەكبەرنى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم مەقسەت ۋە نىشان ئۈچۈن توپلانغان كىشىلەر، كۆپچىلىك، خالايىق، ئامما.
جامائەت سورۇنى. جامائەت فوندى.
بىر ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ناماز ئوقۇغان كىشىلەر.
مەسچىتتىن يانغان جامائەت مېيىت چىققان ئۆيگە كىرىپ پاتىھە ئوقۇدى.