UyghurMain Dictionary
لاجۇۋەرد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
توق قېنىق كۆك رەڭلىك تاش.
كۆك رەڭ تۈس:
قىلدى تەمەننا فەلەك لاجۇۋەرد،
بولغاي ئىدى خاجە ئىشكىدە گەرد.
بۇ نە ئەلەم، ئەي فەلەكى لاجۇۋەرد،
سىنەگى ھەردەم قويارسەن داغ - دەرد.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆك، زەڭگەر؛ توق كۆك تۈسلۈك تاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
گىئولوگىيە
بىر خىل مېنېرال، يەنى ھاۋا رەڭدىن توق كۆك رەڭگىچە بولغان رەڭلەردە كۆرۈنىدىغان بىر خىل تاش ماتېرىيال. سەل سۈزۈك ياكى تۇتۇق. قاتتىقلىقى 5 - 5.5، ماي پارقىراقلىقىغا ئىگە. ئۇنىڭ ئىچىگە كۆپىنچە سېرىق تۆمۈر رۇدىسىنىڭ ئۇششاق دانچىلىرى ئارىلاشقانلىقتىن، سىلىقلانغان يۈزى كۆپ ھاللاردا قېنىق كۆك، ئارقا كۆرۈنۈشى يالتىراق، زۆھرە يۇلتۇزىنىڭ رەڭگىدە بولىدۇ.