UyghurMain Dictionary
ئۆلتۈرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاياتىدىن ئايرىماق، ياشاشتىن توختاتماق.
<ئۆلتۈرمەك> تىن باشقىسى كەمسىتىش مەنىسىدە كېلىدۇ، دۈشمەن ياكى يامان كىشىگە قارىتىلىدۇ.
ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر. تېۋىپ قولى تىتىرىسە تىغ ئۇرار زامان، ئۇنداق تىۋىپ قان ئورنىغا ئالار جان. پادىشاھ ئۇنىڭ بېشىنى ئېلىشقا بۇيرۇدى. بۇ دۈشمەن غالجىرلاشتى، شۇ ئان جېنىدىن جۇدا قىلدۇق. زالىم زومىگەرلەر جەھەننەمگە ئۇزىتىلدى. ئىككىنچى گومىنداڭچى قاچماقچى بولدى، لېكىن زىغىرۇللانىڭ ئوقى ئۇنىمۇ يەر چىشلەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئۆلمەك> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
تورپاقنى چىمدىپ ئۆلتۈرۈپتۇ (ماقال).