Chinese→UyghurMain Dictionary
恩培多克勒
دىن
ēn péi duō kè lè
希
ئېمپىدوكلېس
دۇنيا تارىخى
ئېمپېدوكل
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 493 - 433) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى چوڭ شەھەر ئاگرىگېنتتىكى داڭلىق زەردار ئائىلىسىدە تۇغۈلغان. ئاقسۆڭەكلەر ھاكىممۇتلەقلىكىگە قارشى تۇرغان. مونارخىزمنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان، مۇشۇ شەھەردىكى دېموكراتلارنىڭ باشلىقى بولۇپ قالغان.ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ قارىشىچە، ھەقىقىي پەيدا بولىدىغان ياكى يوقىلىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق، پەقەت كائىناتنى ھاسىل قىلىدىغان ئېلېمېنتلارنىڭ قوشۇلۇشى (ھاسىل بولۇشى) ۋە پارچىلىنىشى (يوقىلىشى) لار بار. ھەرقانداق نەرسىنىڭ مەۋجۇت بولمىغان نەرسىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، مەۋجۇت نەرسىنى يوقىلىدۇ دېيىشكىمۇ ھەرگىز بولمايدۇ، <چۈنكى مەۋجۇت نەرسە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ>، كىشىلەر ئۇنى مەيلى قەيەرگە قويسۇن، بەرىبىر ئوخشاش. كائېناتنىڭ ئاساسىي ئېلېمېنتى تۆت: ئوت، سۇ، تۇپراق، ھاۋا، ئۇلار <پۈتۈن كائىناتنىڭ مەنبەسى>، ئۇ ئۆزگەرمەيدۇ، يوقالمايدۇ، مەڭگۈ مەۋجت بولۇپ تۇرىدۇ. تۆت خىل ئېلېمېنت قوشۇلغاندا ھاسىل بولىدۇ. پارچىلانغاندا ماددا يوقىلىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇلۇش ياكى پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچ ئىككى، يەنى مۇھەببەت ۋە نەپرەت؛ ئۇلار ھاسىل قىلىدىغان قوشۇلۇش ياكى چەتكە قېقىش (نەپرەت) مۇ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. ئۇنىڭ قىياس قىلىشىچە، ئالەم دەسلەپ تۈرلۈك ئېلېمېنتلارنىڭ تۇتۇق بىر گەۋدىسى بولغان؛ زېمىن بىلەن دېڭىزنى ئايرىلغىلى بولمىغان. بۇ <يۇمىلاق شارچە جىسىم> بولۇپ، <مۇھەببەت> ھۆكۈمرانلىقى ئۇنى مۇۋازىنەتكە كەلتۈرگەن؛ كېيىن <نەپرەت> پەيدا بولۇپ، بۆلۈنۈش ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسمان گۈمبىزى، پىلانېتلار، جانلىقلار ۋە باشقىلارنى ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ ماتېرىيالىزمى سىرلىق بولغان <ماددا ھايات نەزەرىيىسى> نىڭ تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، گويا ھەننىۋا نەرسە <جانلىق> دەك، ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە ئادەمنىڭ ھەممىسىدە رۇھ باردەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭدىمۇ <روھ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ> دەيدىغان ئىدىيە بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە قارشى بىر ۋەقەگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، سۈرگۈن قىلىنغان، كېيىن پېلوپوننېسقا ( جەنۇبىي يۇنان) دا ئۆلگەن. يەنە بىر ئېيىتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ سېھرىگەرلىكنى بىلىدىكەن ھەم ئۆزىنى ئەۋلىيا دەۋالغانىكەن، ئاخىرى ئائېتنا (سىتسىلىيىنىڭ شەرقىدە) يانار تېغىنىڭ ئاغزىغا تەلۋىلەرچە سەكرەپ كىرىپ ئۆلگەنىكەن (بۇ گەپكە ئىشەنگىلى بولمايدۇ). ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تېۋىپ، سىتىلىستىكاشۇناس ۋە شائىر بولۇپ، <تەبىئەت توغرىسىدا>، <پاكلىق توغرىسىدا> نى شېئىر يازغان، ھازىر ئۇنىڭ پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان.