Chinese→UyghurMain Dictionary
饿觉
پسىخولوگىيە
ئاچلىق سەزگۈسى
ئورگانىزم سەزگۈلىرى (مەسىلەن، ئاچلىق، توقلۇق، ئۇسساش، تۇنجۇقۇش قاتارلىق سەزگۈلەر) دىن بىرى بولۇپ، ئۇنى ئورگانىزمدا ئوزۇقلۇق يېتىشسىزلىكى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ ھەزىم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىكى ئىچكى رېتسېپتورلاردىن كەلگەن غىدىقلىنىش سىگناللىرىنىڭ ئورتاق رول ئوينىشى بىلەن پەيدا بولىدىغان سەزگۈدىن ئىبارەت. ئاچلىق سەزگۈسى تاللاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، مەسىلەن: ئورگانىزمدا ئاش تۇزى يېتىشمىگەن كىشىلەر قورسىقى ئاچقاندا تۇزلۇق تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.