Chinese→UyghurMain Dictionary
鹅救罗马
دۇنيا تارىخى
غازنىڭ رىمنى قۇتۇلدۇرىشى
رىمنىڭ قەدىمكى تارىخىدىكى بىر رىۋايەت. تەخمىنەن مىلادىدىن 390 يىل ئىلگىرى، ئىتالىيەنىڭ شىمالىي ۋە ھازىرقى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ياشىغان بىر تۈركۈم قەيسەر خەلق گاللىلار (كېلتالار) برېننۇسنىڭ باشچىلىقىدا رىمغا ئۇدۇل باستۇرۇپ كەلگەن. رىملىقلار شەھەرنىڭ يېنىدىكى ئاللىيە دەرياسىنىڭ بويىدا مەغلۇپ بولغان (ئېيتىشلارغا قارىغاندا 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئىكەن، كېيىن بۇ كۈن رىمنىڭ قارىلىق كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن). جەڭدە يېڭىلگەن بىرقىسىم رىم ئەسكەرلىرى رىمغا چىكىنىپ كىرىپ، كاپتولىن تېغى (شەھەرنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا)نى ساقلىغان،رىم شەھىرى خەۋپ ئاستىدا قالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر كۈنى كېچىدە گاللىلار كاپتولىنغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان، بەختكە يارىشا ئىبادەتخانىدىكى غازلار چۆچۈپ غاقىلداپ، قاتتىق ئۇخلاۋاتقان رىم ئەسكەرلىرىنى ئويغىتىۋەتكەن، ئۇلار گاللىلارنى چېكىندۈرۈپ رىم شەھىرىنى ساقلاپ قالغان. كېيىن گاللىلار رىملىقلاردىن 1000 قاداق ئالتۇن ئۈندۈرۋېلىپ، ئاندىن باشقا جايغا كېتىشكەن. بۇ رىۋايەت رىم دۆلىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇنىڭ قىيىن شارائىتتا تۇرغانلىقىنى ئازدۇر - كۆپتۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.