Chinese→UyghurMain Dictionary
俄国一九零五年革命
دۇنيا تارىخى
1905 - يىلىدىكى روسىيە ئىنقىلابى
روسىيەدىكى تۇنجى قېتىملىق بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلاب. ⅩⅩئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى چارروسىيە، جاھانگىرلىكنىڭ بارلىق زىددىيەتلىرى مەركەزلەشكەن تۈگۈن بولۇپ قالغان.1900-1903-يىللىرىدىكى سانائەت كىرىزىسى دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۋەتكەن. ياپونىيەروسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىنقىلابنىڭ پىشىپ يىتىلىشى تېخىمۇ تېزلەشكەن. 1905-يىلى 9-يانۋاردىكى ۋەقە ئىنقىلابنىڭ پارتىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 440 مىڭ ئىشچى يانۋاردىكى ئىش تاشلاشقا قاتناشقان. 200 شەھەردە 1 -ماي نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. ئىۋانوۋوۋوزنىسېنىسىكتىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ئالدى بىلەن ئىشچى ۋەكىللەر سوۋېتىنى قۇرغان. 6-ئايداقارا دېڭىز فىلوتىدىكى <پوتىيومكىن> ناملىق پاراخوتنىڭ ماتروسلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. شۇ يىلى كۈزدە ئىنقىلابىي ھەرىكەت پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان. ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئىشچى ئۆكتەبردىكى پۈتۈنروسىيە سىياسىي ئىش تاشلىشىغا قاتناشقان. ئىشچىلار ۋەكىللىرى سوۋېتى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە ۋە سانائەت مەركەزلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلغان، دېھقانلار قوزغىلىڭى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 2/3 قىسمىدىن ئارتۇق ئۆلكىنى قاپلىغان، مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى كۈندىن كۈنگە ئۇلغايغان، ئەسكىرىي قىسىملارنىڭ ئىسيانلىرىمۇ بىردە پەسەيسە بىردە كۆتۈرۈلگەن. چار پادىشاھ ئاممىنى ئالداپ، ئىنقىلابنى پەسەيتىش مەقسىتىدە، گراژدانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۇرۇش ھەققىدىكى ئاتالمىش<17-ئۆكتەبىر خىتابنامىسى>نى جاكارلىغان. بۇرژۇئازىيە خىتابنامىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىنشېۋىكلار بىلەن سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسى بۇنى، روسىيە مۇشۇنىڭدىن ئىتىبارەن بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىسلاھات يولىغا قەدەم قويىدۇ دەپ قاراپ، قوللاش تەرىپىدە تۇرغان. لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار چار پادىشاھنىڭ دېموكراتىك سىياسەت سۇيقەستىنى ئېچىپ تاشلاپ، پرولېتارىياتنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا چاقىرغان. 12-ئايدا موسكۋا ۋە باشقا كۆپلىگەن شەھەرلەردە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. كېيىن بۇ قوزغىلاڭلار باستۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنقىلاب توختاپ قالمىغان. ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى، قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ قوزغىلاڭلىرى، دېھقانلار ھەرىكىتى ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرى يەنىلا تەرەققى قىلغان. 1907-يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى <3-ئىيۇن سىياسىي ئۆزگىرىشى>نى قوزغاپ، <17-ئۆكتەبر خىتابنامىسى>نى يىرتىپ تاشلاپ، ئىنقىلابقا قارشى قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتكەن. مىنشېۋىكلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن، ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرى ئۆزئارا قوشۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئىنقىلاب ئېقىنىغا ئايلىنالماي ئاخىرى مەغلۇپ بولغان. بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب روسىيە پرولېتارىياتنى ۋە دېھقانلىرىنى چېنىقتۇرۇپ، فېۋرال ئىنقىلابى ۋە ئۆكتەبر ئىنقىلابى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. لېنىن بۇ قېتىمقى ئىنقىلابنى ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ <ئومومىي مانېۋرى> دەپ ئاتىغان.