Chinese→UyghurMain Dictionary
俄国革命民主主义史学
دۇنيا تارىخى
روسىيە ئىنقىلابىي دېموكراتىزملىق تارىخشۇناسلىقى
ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى روسىيىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر تارىخشۇناسلىق ئېقىمى گېرېتسىن، بېلىنىدىكى، چېرنىشېۋىسكى، دوبروليوبوۋ قاتارلىقلار بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار رادىشېۋ(1749-1802)ۋە دېكابرىستلارنىڭ ئىدىيىۋى مىراسىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان. ئىنسانلار جەمئىيىتى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتچانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە مۇقەررەر ھالدا مۇئەييەن دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي بازىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ دەپ كۆرسەتكەن. خەلق ئاممىسى تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى شۇنىڭدەك تارىخ تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇلارنىڭ تارىخ قاراشلىرى مول مەزمۇن ۋە چوڭقۇر پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ئۇنى ماركىسىزىم دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنقى تارىخشۇناسلىقنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى دىيىشكە بولىدۇ، لېنىن گېرېتسىنگە باھا بەرگەن چېغىدا: ئۇ<دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ يېنىغىلا بېرىپ قالدىيۇ، ئەمما تارىخىي ماتېرىيالىزمنى ئۇدۇلىدا توختاپ قالدى>دەپ كۆرسەتكەن(<لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى> 2-توم خەلق نەشرىياتى 1970-يىلىدىكى نەشرى، خەنزۇچە 417-بەت). پۈتكۈل روسىيىنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىزملىق تارىخشۇناسلىقى تامامەن مۇشۇنداق بولۇپ، ئۇ تارىخشۇناسلىق نەزەرىيىسىدىكى ئىدېئالىزملىق نۇقتىئىنەزەررنى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا يېڭىپ كېتەلمىگەن.