Chinese→UyghurMain Dictionary
厄菲阿尔特
دۇنيا تارىخى
ئېفىيالتېس
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 500 - 461) قەدىمكى ئافىنا سىياسەتچىسى. دېموكراتلارغا تەۋە بولۇپ، پۇقرالار ئارىسىدا ئابرۇيغا ئىگە، تەخمىنەن مىلادىدىن 468 يىل ئىلگىرى كىمونغا ئەگىشىپ پېرسىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئېئۇرىمېدون (كىچىك ئاسىيادا) دەرياسى جېڭىگە قاتناشقان. ئارقىدىنلا پېرىكلېس بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى كىمون (كېيىن سۈرگۈن قىلىنغان)غا ئاكتىپ قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 462 يىل ئىلگىرى (ياكى مىلادىدىن 461 يىل ئىلگىرى) ھاكىمىيەت باشقۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق، ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشىنىڭ ئىمتىيازىنى (گراژدانلار يىغىنىنىڭ قارارىنى رەت قىلىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى خادىملارنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق) زور كۈچ بىلەن چەكلەپ، شۇ ئارقىلىق گراژدانلار يىغىنى، 500 كىشىلىك يىغىن ۋە زاسىداتېللار قاتناشقان سوتنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشىنىڭ پەقەت ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش قاتارلىق دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە دىنىي مۇراسىملارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىلا ساقلاپ قالغان. بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى پېرىكلېسىنىڭ ئافىنا سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاساس سالغان. ئېيتىلىشچە ئېفىيالىتىس <خەلق ئاۋانگارتى> دەپ نام ئالغان. كېيىن سىياسىي دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.