—Reference
ئىسسىق گاز تولدۇرۇلغان شارغا ئولتۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ يىراق ۋە ئەڭ ئېگىزگە ئۇچقان ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1972 - يىلى 2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 42 ياشلىق ماتتى ۋئېدېرتېر <AX - 5> نومۇرلىق ئىسسىق گاز تولدۇرۇلغان شارغا ئولتۇرۇپ 8 سائەت 30 مىنۇت ئىچىدە 410 كىلومېتىر ئۇچقان. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ مىننېستا شتاتىدىكى سىت، پائولدىن ئايوۋا شتاتىنىڭ بانكىستونغىچە ئۇچۇپ، ئىسسىق گاز تولدۇرۇلغان شار بىلەن ئۇچۇش بويىچە دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان.
1971 - يىلى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى 54 ياشلىق كارىل، سىتىپان ئىسسىق گاز تولدۇرۇلغان شارغا ئولتۇرۇپ دېڭىز يۈزىدىن 9,600 مېتىر ئېگىزلىككە چىقىپ، ئىسسىق گاز تولدۇرۇلغان شار بىلەن ئېگىزگە ئۇچۇش بويىچە دۇنيا رېكورتى ياراتقان.