—Reference
ئاق قۇشقاچنىڭ ئارمىنى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
يۈرگىنىدە چۈمۈلە،
ئوزۇق ئىزدەپ توغراقتا.
قۇشقاچ دېدى قۇشقاچقا:
- شېكەر بارمىش يانتاقتا،
يېيەلىسەم شۇنى بىر،
كېسىلىمگە داۋامىش.
بىراق يانتاق تىكەنلىك،
شېكەر ئېلىش جاپامىش.
بۇنى ئاڭلاپ چۈمۈلە،
ئاتلاندى تاڭ ئاتماستا.
ئىزدەۋەردى يامغۇردا،
ۋە پىژغىرىم ئاپتاپتا.
بوران سوقۇپ قۇملۇقتا،
كەتتى نەچچە دومىلاپ.
ماڭدى يەنە چېكىنمەي،
كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ.
ئېرىشتى ئۇ يانتاقنىڭ،
شېكىرىگە ئاخىرى.
بىراق، پۈتمەس قۇشقاچنىڭ،
شۇ ئارمىنى، ۋىچىرى.
× ×
يېتەر مەقسەت - مۇرادقا،
چۈمۈلىدەك ئىشچانلار.
كېتەر مەڭگۈ ئارماندا،
قۇشقاچ خۇيلۇق چىققانلار.