Chinese→UyghurMain Dictionary
米坦尼
دۇنيا تارىخى
مىتان
مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅦⅩ ئەسىرلەردە مىتاننىلار (خوررىتلارغا تەۋە) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. پايتەختى ۋاشۇگاننې (ھازىرقى زاس ئىل - ئېن). مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅦⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، پادىشاھ شاۋشاتار شىمالىي سۈرىيە ۋە ئاسسۇرىيە (مېسوپامىيە ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى) رايونىنى بويسۇندۇرغان ۋە تىزەىنلەپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅤⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىر زەئىپلەشكەن. خېتىت پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۇپپىلوئوما (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅣⅩ ئەسىر) ئىچكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، مىتاننى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاسىرىيىمۇ بىر قىسىم زېمىنىنى تارتىۋالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅢⅩ ئسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاسۇرىيە پادىشاھى سالماناسار Ⅰ تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئۇنىڭ زېمىنى ئاسسۇرىيىگە قوشۇۋېلىنغان
Rate this entry