—Reference
ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئىش تاشلاش
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئىش تاشلاش 33 يىل داۋام قىلىپ، 1961 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئاخىرلاشقان. بۇ دانىيىنىڭ كوپمىنھاگىندىكى ساتراچلار شاگىرتلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىر قەدەر مۇھىم ھەم ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلغان بىر قېتىملىق ئىش تاشلاش - 1954 - يىلى 4 - ئايدىن 1962 - يىلى 10 - ئايغىچە، ئامېرىكا ۋىسكونسىت شتاتى شېنبويگان شەھىرىدىكى، كولبېر ئاليۇمىن تۇرۇبا سايمانلىرى شىركىتىدىكى چوڭ ئىش تاشلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاش ماشىنسازلىق ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسىغا، تەخمىنەن 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.