UyghurMain Dictionary
دىزىنفېكسىيە
بىئولوگىيە
مەلۇم بىر خىل فىزىكىلىق فاكتور ياكى خىمىيىلىك ماددىدىن پايدىلىنىپ جىسىم ئىچى ياكى يۈزىدىكى كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزم ۋە باشقا مىكرو ئورگانىزمنىڭ ئوزۇقلىنىش تەنچىسىنى ئۆلتۈرۈش جەريانى. ئۇنىڭ ستېرىلزاتسىيىسىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، دىزىنفېكسىيە قىلىنىدىغان جىسىم ئۈستىدىكى غەيرىي كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوزۇقلىنىش تەيچىسى ۋە بىخ سپورىسىنى ئۆلتۈرۈشنى شەرت قىلمايدۇ. دىزىفېكسىيە قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك ماددا دىزىنفېكسىيە دورىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان دىزىنفىكسىيە دورىلىرى، ئىسپىرت، يوتلۇق ئىسپىرت، كالىي پېرمانگانات، ئاقارتقۇچى پاراشوك، كاربونات كىسلاتاسى قاتارلىقلار. ئۇلار بەلگىلىك قويۇقلۇقتا تەييارلانغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىلىدۇ.