UyghurMain Dictionary
دېڭىز يۇلتۇزلىرى سىنىپى
بىئولوگىيە
تىكەن تېرىلىك ھايۋانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. بەدىنى يۇلتۇز شەكلىدە ياكى بەش بۇرجەك شەكىللىك، دۈمبە تەرىپىنىڭ (ئېغىزىنىڭ ئەكىسى تەرىپىنىڭ) رەڭگى روشەن، بەدەن سىرتىدا تېرە ژابراسى (ساقىقى)، تىكەن تېرىسى ھەم ئامبۇرسىمان تىكەنچىسى بولىدۇ. مەركىزىي تەخسىسى (تەن تەخسىسى) بىلەن بارماقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېنىق چېگرىسى بولمايدۇ. بارماقچىلىرىنىڭ سانى بەش ياكى بەشنىڭ ھەسسە سانىدىن ئىبارەت بولۇپ، بارماقچىسىنىڭ قورساق تەرىپىېدە ئوچۇق يول ئېرىقچىسى، ئېرىقچە ئىچىدە ئىككى ياكى تۆت قاتار نەيچە پۇتى، نەيچە پۇتىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا شوراش تەخسىسى بولىدۇ. پۈتۈن بارماقچە ئىچىگە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى ئاشقازان چىقىش ئاغزى سوقۇر خالتىسى ۋە كۆپىيىش بەزلىرى لىق تولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېيىز دېڭىزلارغا، بولۇپمۇ مۆتىدىل بەلباغ ۋە تروپىك بەلباغلاردىكى دېڭىز - ئوكيانلارغا تارقالغان. ئۇلار دېڭىز تېگىدىكى خاداتاش يوچۇقلىرىغا ماكانلىشىپ، توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۈندۈزى تاش يوچۇقلىرى ۋە دېڭىز يۈسۈنلىرىنىڭ ئارىسىدا يوشۇرۇنۇپ كېچىسى چىقىپ، نەيچە پۇتلىرى بىلەن دېڭىز تېگىدە ئۆمىلەپ ھەرىكەتلىنىدۇ. ئۇلار گۆشخور ھايۋان بولۇپ، ئاساسلىق ئوزۇقى كلاپان ژابرالىقلار (ساقاقلىقلار) سىنىپىدىكى مولليۇسكلاردۇر، ئۇلار بارماقچىسى بىلەن نەيچە پۇتىدىكى شوراش تەخسىسىنىڭ ماس رول ئوينىشىدىن پايدىلىنىپ ئولجىسىنىڭ ئىككى قاپچۇقىنى ئاجرىتىپ يۇمشاق تەن قىسمىنى يەيدۇ، ئوزۇقلىنىش مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قۇلۇلە باقمىچىلىقىنىڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ. قايتا تۆرىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ھەرقانداق بارمىقى چۈشۈپ كەتسە يەنە ئۆسەلەيدۇ، بىر بارمىقى قالسىمۇ قالغان تۆت بارمىقىنى قايتا ئۆستۈرۈپ چىقىرالايدۇ، لېكىن ئاۋۋالقى چوڭلۇقى ۋە شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ، شۇڭا دېڭىز يۇلتۇزىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنى پارچىلىۋېتىپ يەنە دېڭىزغا تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ.