Uyghur←ChineseMain Dictionary
دىئودورۇس
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
狄阿多鲁
dí ā duō lǔ
دۇنيا تارىخى
狄奥多罗斯
dí ào duō luó sī
(مىلادىدىن تەخمىنەن 90-21 يىل ئىلگىرى) رىم ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە ئۆتكەن سىتسىلىيىلىك تارىخشۇناس. ئۇزۇن مۇددەت رىمدا تۇرغان. مىسىر ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى رايونىدا زىيارەتتە بولغان. يۇنان تىلىدا< دۇنياتارىخى> ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر 40 توملۇق بولۇپ، يىراق قەدىمكى زامانىدىن تارتىپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئەسىردىكى رىم ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىگىچە بولغان ۋەقەنى بايان قىلغان. ئەسەر <ئولىمپىئادا>نى يىلنامە قىلغان بۇنىڭدىن بىزگە ئاران 1-5 ـ توملىرى بىلەن 11-20-توملىرى ۋە باشقا توملىرىنىڭ پارچىلىرى يېتىىپ كەلگەن. ئاپتور بۇ ئەسىرىدە پۈتكۈل قەدىمكى زامان دۇنيا تارىخىنى يازماقچى بولغان. شىمالىي ئافرىقا، مېسوپوتامىيە ۋادىسى، قارا دېڭىز قىرغاقلىرى، ئەرەبىستان ۋە يۇنان، رىم قاتارلىق جايلارنىڭ تارىخىي ۋەقەلىرى بايان قىلىنغان، بىراق ئەسەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى گرىتسىيە تارىخى بولۇپ، رىم تارىخى ئۈستىدىمۇ قىسمەن توختالغان. ئاپتورنىڭ تارىخى ماتېرىياللارنى تاللاش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىخچاملاش ئىقتىدارى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى بىر خىل تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ توپلىمى بولۇپ قالغان. شۇنداقتىمۇ كېيىنكىلەر ئۈچۈن يوقىلاي دەپ قالغان بىرمۇنچە قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ساقلاپ قالغان.