UyghurMain Dictionary
دۋوشاڭ
دۇنيا تارىخى
(1841 - 1904) چېخلىق كومپوزىتور. ساراي ئىگىسى ۋە قاسساپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پاراگا ئورگان مەكتىپى (بۈگۈنكى مۇزىكا شۆيۈەنى) دە ئوقۇغان. كېيىن دۆلەت تىياتىرىنىڭ ئوركېستىرىدا ئالتىنچى بولغان. 1861-يىلى ئىجادىيەت پائالىيىتىنى باشلىغان. كۆپ قېتىم ئەنگلىيىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە روسىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، ئۆز ئەسەرلىرىنى ئورۇندىغان.1891-يىلى پراگا مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئىككىنچى يىلى نيۇيورك مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1895-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1901-يىلى پراگا مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. چېخ مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى بىلەن، مىللىي مۇزىكىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا تىرىشقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <توققۇزىنچى سىمفونىيە> يەنى <يېڭى دۇنيا سىمفونىيىسى>، <تەبىئەت قوينىدا> ناملىق كىرىش مۇزىكىسى، <ياۋا كەپتەر> ناملىق سىمفونىيە، <ئالۋاستى بىلەن كاجا> ۋە <نەرگىز قىز> ناملىق ئوپېرالىرى بار.