UyghurMain Dictionary
دېۋېي
مەشھۇر مائارىپچىلار
يوھان دېۋېي (1859 −1952 ) ئامېرىكىلىق داڭلىق پەيلاسوپ ۋە پېداگوگ، قوللىنىشچان (پراگماتىزملىق) پەلسەپە ۋە ئىلغار (پروگرېسسىۋىزملىق) مائارىپنىڭ ۋەكىلى.19
- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئامېرىكىنىڭ سانائەتلىشىشى ۋە شەھەرلىشىشى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا ۋە سىنىپىي مۇناسىۋەتتە زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. ئەمما، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادىن ۋارىسلىق قىلىپ ئېلىپ كېلىنگەن كونىچە مائارىپ ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە يەنىلا ھۆكۈمران ئورۇن تۇتۇپ كەلگەچكە، مەكتەپلەردە تەربىيىلىنىپ چىققانلار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالمىدى. دېۋېي بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ ئەنئەنىۋى مائارىپنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ ئەنئەنىۋى مائارىپتىكى دەرسخانا پەقەت ئوقۇغۇچىلاردىن جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاشنىلا تەلەپ قىلىدىغان ئورۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس، »بىر سائەتلىك دەرس ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر خىل جاپالىق سېلىقتىن ئىبارەت« دەپ قارىغان. ئۇ يەنە، كونىچە مەكتەپلەردە بالىلارغا پاسسىپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ، بالىلار مېخانىك ھالدا بىر يەرگە يىغىپ قويۇلىدۇ، مىجەز - خاراكتېرى، ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان بالىلارغا بىرلا خىل دەرس ئۆتۈلىدۇ، بىرلا خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، مەكتەپلەر ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇۋالىدۇ، دەرسلىك ۋە باشقا جەھەتلەردە بالىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىقتىدارى تولۇق نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. دېۋېي مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر مائارىپتا قوبۇل قىلماقچى بولغان ئۆزگىرىش مەركەزنى يۆتكەشتۇر. بۇ بىر خىل ئىسلاھات، بىر خىل ئىنقىلاب، خۇددى كوپېرنىك ئاسترونومىيىنىڭ مەركىزىنى يەر شارىدىن قۇياشقا يۆتكىگەندەك ئىنقىلاب. بۇنداق بولغاندا، مەكتەپلەردە بالىلار قۇياشقا ئايلىنىدۇ، مائارىپنىڭ بارلىق تەدبىرلىرى ئۇلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئايلىنىدۇ. بالىلار مەركەز، مائارىپ تەدبىرلىرى ئۇلارنى چۆرىدىگەن ھالدا يولغا قويۇلۇشى كېرەك». ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان: «ئەڭ ياخشىسى، مەكتەپلەرنى بالىلار ھەقىقىي تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرۇش كېرەك»، «ھەربىر مەكتەپنى ئىپتىدائىي شەكىلدىكى بىر خىل ئىجتىمائىي تۇرمۇش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك». بالىلار بۇ يەردە ئاساسلىقى «ئىش قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىش قىلىدۇ». دېۋېي بالىلار مەركەز قىلىنغان مائارىپ ئىدىيىسى مائارىپ تارىخىدىكى بىر مەيدان ئىنقىلاب، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىدە مەكتەپلەرنىڭ سىستېمىلىق بىلىم بېرىش رولىغا سەل قاراشتەك يېتەرسىزلىك بار ئىدى.
دېۋېينىڭ مائارىپ ئىدىيىسى تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
دۇنيا تارىخى
(1859 - 1952) ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ، پېداگوگ، پراگماتىزمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. ۋېرمونت شتاتى بېلىنتوندا تۇغۇلغان. 1879-يىلى ۋېرمونت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1884-يىلى خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. مىنىنېسوتا ئۇنىۋېرسىتېتى، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدائ وقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. ئامېرىكا پسىخولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى، پەسلەپ ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا پروفېسسورلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن. ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ پېرىس، جامېسلارنىڭ پراگماتىزملىق پەلسەپىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى كېڭەيتكەن. ئوبيېكتىپ ھەقىقەت بىلەن مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، ئومۇەن بىر مەھەللىك <مۇۋەپپەقىيەت> ياكى <ئۈنۈم> قارزىنىشنىڭ ئۆزى ھەقىقەت دېمەكتۇر دەپ قارىغان. ئۆزىنىڭ پەلسەپىسىنى <ناتورالىزم تەجرىبىچىلىكى> دەپ ئاتىۋالغان. تەبىئەت (ئوبيېكتىپ دۇنيا) نى تەجرىبىگە تاقاپ قويغان. سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنىڭ پەرقى پەقەت تەجرىبە ئىچكى قىسمىدىكى پەرقتىن ئىبارەت دېگەننى تەرغىپ قىلغان. بارلىق ئىلمىي نەزەرىيىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەجرىبە بىلەن يىغىنچاقلىغان. نەزەرىيىنى بولسا مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسى ياكى <قورالى> دەپ قارىغان. مائارىپنىمۇ بىر خىل <قورال> دىنلا ئىبارەت، ئۇ ئارقىلىق سىنىپىي مۇرەسسەچىلىككە يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. مائارىپ - تۇرمۇش، مەكتەپ - جەمئىيەت دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مائارىپ ئۇسۇلىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى <ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىش> دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مەىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى - سىنىپىي <ھەمكارلىق> ۋە ئاز - ماز <ئىسلاھات> ئېلىپ بېرىشنى تەرغىپ قىلىشتىن ئىبارەت. 1919 - 1921 - يىللىرى ئارىلىقىدا جۇڭگوغا كېلىپ دەرس ئۆتكەن. 11 ئۆلكىگە بارغان، ئۇنىڭ تەسىرى خېلى كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ <مەكتەپ ۋە جەمئىيەت>، <دېموكراتىيە ۋە مائارىپ>، <پەسلەپىۋى ئۆزگەرتىش>، <تەجرىبە بىلەن تەبىئەت>، <لوگخكا تەتقىقات نەزەرىيىسى>، <ئەركىنلىك بىلەن مەدەنىيەت>، <ئىنسانىيەت مەسىلىسى> دىن ئىبارەت ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.