UyghurMain Dictionary
دىۋان
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
توپلام، قامۇس.
زەلىلى دىۋانى.* تۈركىي تىللار دىۋانى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
يۇمشاق ئورۇندۇق، سافا.
دىۋانغا مەرھەمەت قىلىڭ!
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
( كونىرىغان سۆز ). ئوردا مەھكىمىسى .
شاھ ھەزرەتلىرى دىۋانغا كىردى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆپلۈكى: دەۋرايىن. دەپتەر؛ دىۋان، توپلام؛ مەجمۇئە:
دۆلەت مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت ئىدارىسى:
دۆلەت ھىسابات مەھكمىسى:
1.بىلمەسەڭ ئەھلى جۇنۇننىڭ ھالەتىنى، زاھىدا،
ھەسبى ھال ئاچقىل زەلىلى تەلبەنىڭ دىۋانىدىن.
زەلىلى.
2. كى دىۋەنغا باردىم تەمەللۇق ئۈچۈن،
ئالار سەرۋەرىغە تەئەللۇق ئۈچۈن.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
3. دىۋاندا موللالاركى پۈتۈن دەفتەرى ھىساب،
ئىنسابۇ ئەدل چېھىرىسىگە ياپسا ئول نىقاب.
سەبۇرى.
4. مەجلىس تۈزۈپ بىللە دىۋان ئارا،
ئىكەۋ ئولتۇرۇپ قەسرۇ ئەيۋان ئارا.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئوردا، ساراي، قەسىر:
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە دىۋان، توپلام سۆزىدىن
بىرەر شائىر شېئىرلىرىنىڭ قاپىيە ياكى رادىفلىرىغا مۇۋاپىق ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن تۈزۈلگەن توپلام. «دىۋان»غا كىرگەن شېئىرلار ژانىرلىرىغا قاراپ ئايرىلىدۇ، «دىۋان»غا دىباچە يېزىلغان بولىدۇ، مەسلەن: ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر ناۋايىنىڭ تۆت توپلامدىن ئىبارەت «خازائىنۇل مەئانى» (مەنىلەر خەزىنىسى) دېگەن ئەسىرى مەشھۇر دىۋان ھېسابلىنىدۇ. دىۋاننىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن تۈزۈلىگەلىكى كىتابخانلارنىڭ ئىزدىگەن ژانىردىكى شېئىرنى چاپسان تېپىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھازىر مۇ كلاسسىكلارنىڭ ئەسەرلىرىنى (دىۋانىلىرىنى) نەشىرگە تەييارلىغاندا، شۇ تەرتىپتە جايلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
دىۋان سۆزى ئىلگىرى باشقا مەنىلەردە : دۆلەتنىڭ كىرىم - چىقىملىرى يېزىلىدىغان دەپتەر، دۆلەت كىرىم - چىقىم ئىشلىرى دەپتەرلىرىنىڭ باشلىقى (ۋەزىر) ۋە دۆلەت مەھكىمىسى مەنىلىرىدىمۇ قوللىنىلغان (دىۋان بېگى ۋە ھاكازا).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چوڭ يىغىن، مەجلىس؛ مەھكىمە؛ بىرەر شائىرنىڭ ھەر تۈرلۈك شېئىرلىرىنى يىغىپ، كىتاب قىلىپ چىقىرىلغان توپلام؛ دۆلەتنىڭ كىرىم - چىقىملىرى يېزىلىدىغان دەپتەر؛ دۆلەت كىرىم - چىقىم ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى دەپتەردار ياكى ۋەزىر، دۆلەت مەھكىمىسى ئىشخانىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئىرلار توپلىمى.
«دىۋان زەلىلى» رەتلىنىپ، ئىزاھلىنىپ نەشىر قىلىندى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جەينەك بىلەن تايىنىپ ئولتۇرىدىغان يېرى بار يۇمشاق ئورۇندۇق. بەزىلىرى پۇرژۇنىلىق بولىدۇ، بىر كىشلىك ۋە كۆپ كىشلىكلىرى بار.
دىۋاندا ئولتۇرساڭ، ئۇيقۇ باسىدۇ. ھازىر ئۈرۈمچىدە سافا خېلى ئومۇملىشىپ قالدى.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/522
بۇ كىتاب ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن: ئالدىنقى قىسمى ھېكمەتلىك سۆزلەر، ئەدەب - ئەخلاق مەزمۇن قىلىنغان شېئىرىي توپلام (چاغاتايچە). كېيىنكىسىدە يامان يولغا ماڭغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى سۆزلەنگەن (پارسچە) بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22 × 14 سانتىمېتىر، 28 بەت. چاغاتايچە، - پارسچە ئارىلاش، قول يازما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەدەبىيات
شېئىرلار توپلىمى، توپلام.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<پارىسچە
بىناكارلىق
« ساپا Ⅱ »گە قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
خان ۋە پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتنىڭ باش مەھكىمىسى؛ ئوردا.
خەلىپە رەشىت دىۋانغا كىرىپ تەختىكە ئولتۇرغانىكەن، ئالاۋىدىن ئەبۇ ئەششەمات دىۋانغا كىرىپ خەلىپىنى كۆرۈش بىلەنلا شېئىر ئوقۇپتۇ.
خان، پادىشاھ تۇرىدىغان جاي؛ ئۆي، خانا.
ئۇ دىۋانغا كىرىپ، ئەڭ چەتتىكى يىراق بىر بۇلۇڭغا بېرىپ تۇرۇۋاپتۇ.