UyghurMain Dictionary
دۇۋال
دۇنيا تارىخى
(1840 - 1871) 1871 - يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ گېنېرالى، بىلانكىچى. قۇيمىچى ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلپ چىققان. قۇيمىچى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپى ۋە رەئىسى، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال پارىژ ياچېيكىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ كاتىپى بولغان. ئىنتېرناتسىئونال پارىژ ياچېيكىسى ئۈچىنچى قېتىم سوراققا تارتىلغاندا قماققا ئېلىنغان. 1870-يىلى 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن 20-رايونلۇق مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىللىي قوغىدنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ <دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى> نىڭ تەسلىمچىلىك سىياسىتىگە پائال تۈردە قارشى تۇرغان. 1871-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەربىي كوماندىر ۋە كوممۇنىنىڭ ساقچى ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋەكىلى بولغان، كېيىن كوممۇنا ئەزاسى ھەمدە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە ئجىرائىي كومىتېتى ئەزاسى بولغان. 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋېرسالغا يۈرۈش قىلغاندا، كالوننا كوماندىر بولۇپ، ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ، ئىككىنچى كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.