Uyghur←ChineseMain Dictionary
دۇپلېئى
Domain: دۇنيا تارىخى杜普菜
dù pǔ cài
(1697-1763)دۇپلېئىكىس دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن. فرانسىيىلىك مۇستەملىكىچى. بۇرژۇئا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1720-يىلى ھىندىستانغا كېلىپ پوندشېرىي قاتارلىق جايلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1741-يىلى باش ۋالىيلىققا ئۆستۈرۈلگەن، ئۇ ھىندىستاندا فرانسىيە ھىندىستان ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ، ئەنگىلىيە بىلەن ھىندىستاندا زومىگەرلىك ھوقوقىنى تالىشش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەڭ بۇرۇن ياۋروپاچە ئۇسۇل بىلەن ھىندىستان يەرلىك ياللانما قوشۇنلىرىنى تەربىيلەشكە باشلىغان.1746-1748-يىللىرىدىكى بىرىنچى قېتىملىق كارناتىك ئۇرۇشى مەزگىلىدە قوشۇن باشلاپ بېرىپ مادراسنى تارتىۋالغان، 1749-1754-يىللىرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق كارناتىك ئۇرۇشى داۋامىدا دەسلەپ غەلىبە قىلىپ كېيىن مەغلۇپ بولغان. 1754-يىلى فرانسىيىگەقايتۇرۇپ كېتىلىپ نامراتلىق ئىچىدە ئۆلگەن. ئۇنىڭ بىر ئەسلىمىسى ساقلىنىپ قالغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.