Chinese→UyghurMain Dictionary
多毛纲
بىئولوگىيە
كۆپ تۈكلۈكلەر سىنىپى
بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. تېنى ئۇزۇن، نۇرغۇنلىغان تەن بوغۇملىرىدىن تۈزۈلگەن. باش قىسمى روشەن، ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى؛ ھەر بىر بوغۇمىد بىر جۈپتىن سۆگەلسىمان ئايىغى، بەدىنىدە ھەرىكەتلىنىش ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان قىلچىق تۈكلەر ئۆسكەن بولۇپ، قوشۇمچە سېزىش ۋە نەپەسلىنىش فۇنكسىيىسىگە ئىگە. نەيچە ئىچىدە ياشايدىغان تۈرلىرىنىڭ سۆگەلسىمان ئايىغى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن بەزى تۈرلىرىنىڭ سۆگەلسىمان ئايىغى ئۆزگىرىپ نەپەسلىنىش ئورگىنى ژابراغا ئايلانغان. كۆپچىلىكى يەككە جىنسلىق؛ يەنە بەزى قوش جىنسلىقلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى يېرىم قىسمى ئانىلىق، كېيىنكى يېرىم قىسمى ئاتىلىق ياكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ئۇلار پەيدا بولغاندا ھالەت ئۆزگەرتىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. لىچىنكىسى ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىدىغان چاقلىق لىچىنكا. دۇنيادىكى ھەرقايسى دېڭىز - ئوكيانلارغا تارقالغان بولۇپ، تېيىز دېڭىزلاردىن تارتىپ چوڭقۇر دېڭىزلارغىچە ھەممىسىدىن تېپىلىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرى تۇزلۇقلۇقى تۆۋەنرەك بولغان دەريا ئېغىزلىرىدا، ئايرىم تۈرلىرى تاتلىق سۇلاردىمۇ ياشىيالايدۇ. ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىدىغان تۈرلىرىمۇ، ئاز ساندىكى باشقا ھايۋانلار بىلەن ئورتاق ماكانلىشىپ ياكى ئورتاقلىشىپ ياشايدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. بۇ سىنىپتىكى نۇرغۇنلىغان تۈرلەر بېلىقلارنىڭ مۇھىم ئوزۇقلۇقى بولغاچقا، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بېلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە بېلىق تۇتۇش رايونلىرىنىڭ ئورۇنلىشىشىغا ناھايىتى زور مۇناسىۋەتلىك. بەزى تۈرلىرىنى ئىنسانلار ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، مايسا قۇرت (ceratocephale osawai). مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىد كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرى قۇم سازىڭى (نېرىس، Nereis)، دۈمبە تەڭگىلىك قۇرت (لېپىدونوتۇس، lepidonotus)، دىئوپاترا (Diopatra)، سېرپۇلا (Serpula) قاتارلىقلار.
ئۇنىۋېرسال
duō máo gāng
تۈكلۈك بوغۇم پۇتلۇقلار سىنىپى