UyghurMain Dictionary
دۇنيا مۇسۇلمان ياشلىرى كېڭىشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
دۇنيادىكى مۇسۇلمان ياشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتى بولۇپ، 1972 - يىلى قۇرۇلدى. باش ئورگىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى رىيادتا. مەقسىتى: ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پائالىيەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، مۇسۇلمان ئاز سانلىق ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەت. مۇسۇلمان ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنى ھەر خىل شەكىلدە كۆپەيتىش؛ يېزىش، تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە تارقىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش؛ خەلقئارا ئىسلام ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ۋە ئىسلام ياشلىرىنىڭ باشقا تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش جايلارىدكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ياردەملىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 10 نەچچە قېتىم چوڭ يىغىن ئاچتى، ياشلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆپ قېتىم ئۆتكۈزدى.