Chinese→UyghurMain Dictionary
独立派
تارىخ
dú lì pài
مۇستەقىلچىلار
دىن
dú lì pài
基
خىرىستيان دىنى
مۇستەقىلچىلار، مۇستەقىلچىلار مەزھىپى
دۇنيا تارىخى
مۇستەقىلچىلەر
(1) ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىدىكى مۇھىم دىنى - سىياسىي تەشكىلاتلاrنىڭ بىرى. پورىتانلار ئىچىدىكى رادىكاللارنىڭ بىر قانىتى بولۇپ، ⅥⅩ ئەسىرنىڭ 80-يىلىرىدىن 90-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللەنگەن. ئۇ ھەم ئانگلىكان جەمئىيتىگە قارشى تۇرغان ھەم ئاقساقاللار گرۇھىغىمۇ قارشى تۇرغان. دىنىي رايونلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى، ئاقساقاللارنى ئەركىن سايلاشنى، دىن تارتقىتىشقا ئېتىبار بېرىشىنى، مۇراسىملارغا سەل قاراشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇردۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىلىك قىلغان. سىياسىي جەھەتتە مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تغشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىنقىلابىي رەھبىرى كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رەھبىرى كرومۋېل. 1642 - 1648-يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاستا - ئاستا پارلامېنت ۋە ئارمىيىنى تىزگىنلىگەن. 1649-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ، باراۋەرچىلەر بىلەن يەر قازغۇچىلارنىڭ ئاممىۋى ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1653-يىلى جۇمھۇرىيەت قوغداش ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. چارلېس Ⅱ قايتا تىرىلگەندىن كېيىن، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. (2) يېقىنقى زامان ئەنگلىيىسىدىكى ئەنگلاىيە دۆلەت دىندىن ئالاقىنى ئۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان كۆپلىگەن مۇستەقىل دىنىي مەزھەپتىكىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، ئومۇم باشقۇرۇش جەمئىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر ئەنگلىيە شۇنىڭدەك باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردا ساقلانماقتا، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ. 1891-يىلى خەلقئارا ئومۇم باشقۇرۇش جەمئىيىتى كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى لوندوندا تەسىس قىلىنغان.