Chinese→UyghurMain Dictionary
杜勒斯
دۇنيا تارىخى
داللېس
(1) جون فۇستېر داللېس (1888 - 1959) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى (1953 - 1959). جۇھمۇرىيەتچى. 1908 - يىلى پرېستون ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈگەتكەن. دەسلەپ ئادۋوكات بولغان. 1919 - يىلى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1945-يىلى سان - فرانسىسكۇ يېغىنىدا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمكىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1945 - 1949 - يىللىرى ب د ت يىغىنىغا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمكىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قاتناشقان. 1950 - ىلى ئامېرىكىنڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى پىلانلاشقا قاتناشقان. 1951 - يىلى ياپونىيە سودىگەرلىرى بىلەن ئامېرىكا - ياپونىيە سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ، يېڭى جۇڭگوغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان ھەمدە جۇڭگونىڭ ب د ت دىكى قانۇنىي ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلغان. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە، ئەمەلىي كۈچ ئورنى سىياسىتى بىلەن ئۇرۇش گىرۋىكى سىياسىتىنى تەرغىپ قىلغان؛ بىر خىل <زور كۆلەمدىكى قىساس ئېلىش> ۋاسىتىسى سۈپىتىدە يادرو قوراللىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان؛ ھەر قانچە بەدەل بېرىشىتن يانماي <كوممۇنىزمنى توسۇش> نى تەشەببۇس قىلغان؛ كۈچىنىڭ بارىچە جياڭ جيېشى ھاكىمىيىتى بىلەن ۋيېتنامدىكى ۋۇتىڭيەن ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كەلگەن؛ ئوتتۇرا شەرقتە <ئىزېنخائوئىرىزم> نى يولغا قويغان. كېسەل بولۇپ ئۆلۈشتىن بۇرۇنراق خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ <ئۇرۇش، تىنچلىق ۋە ئۆزگىرىش>، <ئۇرۇش ۋە تىنچلىق> ناملىق ئەسەرلىرى بار. (2) ئاللېن ۋېلىش داللېس (1893 - 1969) ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى (1953 - 1961). جون داللېسنىڭ ئىنىسى. 1916 - يىلى دىپلوماتىيە ساھەسىگە خىزمەتكە كىرگەن. 1922 - يىلى دىپلوماتىيە ساھەسىگە خىزمەتك كىرگەن. 1922 - يىلى گوۋۇيۈەننىڭ يېقىن شەرق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1926 - يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئادۋوكاتلىك قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ستراتېگىيىلىك ئاخبارات ئىدارىىسنىڭ مۇھىم ئەمەلدارى بولغان. 1951 - يىلى مەزكىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1953-يىلى ئىدارە باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. باشلىق بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى پەيدىنپەي ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئاخبارات ئورگىنىغا ئايلانغان. 1961-يىلى گېلون ساھىلى ۋەقەسى بىلەن مەغلۇپ بولۇپ ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ <گېرمانىيىدىكى مەخپىي پائالىيەت>، <ئاخباراتچىلىق تېخنىكىسى>، <مەخپىي ئەل بولۇش> ناملىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
dù lè sī
دۇللېس