UyghurMain Dictionary
دۇكان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مال ساتىدىغان ئورۇن.
ياخشى مال دۇكاندا تۇرماس. دۇكىنىمغا كىرىۋەر، مېلىمغا تەگمە. «دوستلۇق» ماگىزىنى _ ئۈرۈمچىدە ئەڭ چوڭ ماگىزىن. تۈرلۈك ماللار ماگىزىنلىرىدا ھازىر نېمە دېسەڭ، شۇ تېپىلىدۇ. _ دادىسى، _ دەپتۇ ئايالى، _ سىز بىلەن بىللە چىقسام، ماگىزىنلارغا كىرگۈم كېلىدۇ. _ ئانىسى، _ دەپتۇ ئېرى، _ ماگىزىنلارنى ئويلىسام، سىز بىلەن بىللە چىققۇم كەلمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھەر خىل نەرسىلەرنى سېتىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئۆي، ماگىزىن، جاي.
دۇكان ئاچماق.
ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئىش قىلىدىغان ئۆيى.
ياغاچچىلىق دۇكىنى. كىيىم تىكىش دۇكىنى.
گىلەمچىلىك، باپكارلىق قاتارلىقلاردا توقۇش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارىدىغان جاھازىلىق ئۈسكۈنە ۋە پاختا، يۇڭ قاتارلىقلارنى ئاتىدىغان يا شەكىللىك ئەسۋاب.