Uyghur←ChineseMain Dictionary
دۇڭجىڭ ھەقسىز مەكتىپى
دۇنيا تارىخى
东京义塾
dōng jīng yì shú
ۋيېتناملىق ئىلغار بىلىم ئەھلىلىرى قۇرغان مەكتەپ ۋە تەشۋىقات تەشكىلاتى. 1907-يىلى 3-ئايدا دۇڭجىڭ( بېيچىسى، ھازىر بېيبۇ دەپ ئاتىلىدۇ) دىكى خانۇي تاۋخاڭ كوچىسىدا قۇرۇلغان، ئىچكى قىسمىدا مائارىپ، مالىيە تەشۋىقات ۋە يېزىقچىلىقتىن ئىبارەت تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، ئوقۇغۇچىلىرى مىڭغا يېتىدۇ. يېڭى بىلىملەردىن دەرس ئۆتۈلۈشتىن سىرت، ھەرقايسى جايلاردا لىكسىيە ماقالەـ ئەسەر باھالاش يىغىنى تەشكىللەپ فرانسىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى سۆيۈش ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەرغىپ قىلغان؛ كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلىپ، يېڭى ئىديىلەرنى تونۇشتۇرغان؛ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى تۈزۈمىگە ۋە قالاق ئادەتلەرگە قارشى تۇرغان؛ ئۆز دۆلىتىنىڭ مېلىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئۆز دۆلەت تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرغان. جايلاردا شۆبە مەكتەپ قۇرۇلۇپ، قانۇني بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭلاشقا، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئۆز يېنىغا تارتىش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىپ، رەھىمسىزلەرچە باشتۇرۇشنى ئېلىپ بارغان، شۇ يىلى 12-ئايدا ھەقسىز مەكتەپنى پېچەتلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ تەشۋىقات بۇيۇملىرىنىڭ تارقىلىشىنى مەنئى قىلغان.