Chinese→UyghurMain Dictionary
对象和背景
پسىخولوگىيە
ئوبيېكت ۋە ئارقا كۆرۈنۈش
(يەنى شەكىل بىلەن ئاساس) ئادەمنىڭ ئىدراك دائىرىسى چەكلىك بولىدۇ. ھەر بىر ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، تاشقى دۇنيادىكى جىسىم ياكى ھادىسىلەردىن پەقەت ئاش ساندىكىلىرىنىلا ئېنىقراق ئىدراك قىلغىلى بولىدۇ، قالغىنى خىرە ئىدراك قىلىنىدۇ. ئېنىق ئىدراك قىلىنغان جىسىم ياكى ھادىسىلەر ئىدراك ئوبيېكتى بولۇپ، قالغىنى ئىدراكنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدۇ، ئىدراك ئوبيېكتى بىر قەدەر گەۋدىلىك، قۇرۇلمىغا ئىگە بىر پۈتۈنلۈك بولىدۇ. ئىدراك ئارقا كۆرۈنۈشى، خۇددى بىر چەكسىز بوشلۇق بولۇپ، ئوبيېكتنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتۈۋالغاندەك بولىدۇ. دىققەتنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ ئىدراك ئوبيېكتى بىلەن ئىدراك ئارقا كۆرۈنۈشى ئۆزئارا ئالمىشىدۇ. مەسىلەن، بىز كىتاب ئوقۇۋاتقاندا، ئوقۇلۇۋاتقان سۆز - ئىبارىلەر ئىدراك ئوبيېكتى بولۇپ، باشقا سۆز - ئىبارىلەرنى ئوقۇشقا كۆچۈشىمىز بىلەن تەڭ ئەمدى ئوقۇيدىغىنىمىز ئىدراك ئوبيېكتىگە ئايلىنىپ، ئوقۇلۇپ بولغان سۆز - ئىبارىلەر ئىدراك ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئايلىنىدۇ. ئىدراك جەريانىدا نېمىنىڭ ئونيېكت، نېمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش بولۇشى ئوبيېكتىپ شەرت - شارائىت ۋە كىشى ئىدرىكىنىڭ تاللىشىغا باغلىق.