Uyghur←ChineseMain Dictionary
دېسامي
Domain: دۇنيا تارىخى德萨米
dé sà mǐ
(1803 - 1850) فرانسىيىلىك خىيالىي كوممۇنىزمچى. ئوقۇتقۇچىلىقتىن كېلىپ چىققان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى بلانكىچىلارغا تەۋە بولۇپ، تۆت پەسىل جەمئىيىتى قاتارلىق مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارغا قاتناشقان. 1840-يىلى "باراۋەرلىك< ژۇرنىلىنى چىقارغان، بېللېۋىللېىدكى تۇنجى قېتىملىق كوممۇنىزم زىياپىتىگە قاتناشقان. 1848-يىلدىكى ئىنقىلابتا >كىشىلىك ھوقۇقى. پرولېتارلار مۇنبىرى< گېزىتىنى چىقارغان، بلانكىچىلارنىڭ مەركىزىي جۇمھۇرىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ بابېفچىلىق ئەنئەنىسىنى فۇريېنىڭ خىيالىي سوتسىيالىزمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كوممۇنانى ئاساسىي ئىگىلىك بىرلىكى قىلغان كوممۇنىزم جەمئىيىتى غايىسىنى، يەنى: مۈلۈك ئومۇمنىڭ ئىختىيارىدا بولغان، ئورتاق ئەمگەك قىلىدىغان، مائارىپ ئومۇملاشتۇرۇلغان غايىنى تەسۋىرلىگەن. ئۆتكۈنچى دەۋردە ئىنقىلابىي دىكتاتۇرا ئورنىتىش، بايلارنى ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش ھەمدە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى باستۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ بلانكىغا ئوخشاشلا سانائەت پرولېتارىيات بىلەن ئادەتتىكى ئەمگەكچى خەلقنى پەرقلەندۈرمىگەن. >ئومۇمىي قانۇن< ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.