Uyghur←ChineseMain Dictionary
درويسېن
Domain: دۇنيا تارىخى德罗伊生
dé luó yī shēng
(1808-1884)گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا بېرلىن داشۆسىدە ئوقۇپ، گېگېلنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. كېيىن كىل داشۆسى، يېنا داشۆسى ۋە بېرلىن داشۆسىدە خىزمەت قىلغان. 1848-يىلى فرانكفورت مىللىي پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان.ئۆمۈر بويى پرۇسىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلگەن، پرۇسىيە ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، پرۇسىيە شتاتىلا نېمىس مىللىتىنى قايتا گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقىنى تارىخىي جەھەتتىن ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. <پرۇسىيىنىڭ سىياسىي تارىخىي>(جەمئىي 14 توم) ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا<ئىمپېراتور ئالېكساندرنىڭ تارىخى >(ۋە<يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرىنىڭ تارىخى>قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.<يۇنانلاشتۇرۇش>دىگەن سۆزنى ھەممىدىن ئاۋۋال قوللانغان. كېيىنكى كىشىلەر ئۇنى داۋاملىق ئىشلەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.