Uyghur←ChineseMain Dictionary
درىنوۋ
دۇنيا تارىخى
德里诺夫
dé lǐ nuò fū
(1838 - 1906) بۇلغارىيىلىك تارىخشۇناس. كىيېۋ چېركاۋ مەكتىپىدە ۋە موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇغان. كېيىن پراگا، ۋېنا، پارىژ، جەنۋە، رىم قاتارلىق جايلاردىكى كۇتۇپخانا، ئارخىپخانا ۋە مۇزېيلاردا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1869-يىلى بۇلغارىيە پەن - مەدەنىيەت جەمئىيىتى (1911-يىلى بۇلغارىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 1873 - 1906 - يىللىرى خاركوۋ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى (1878 - 1879 - يىللاردا بۇلغارىيە مائارىپ ۋەزىرى) بولغان. <سلاۋىيان ئاخبارات لېكسىيىسى> گە رىياسەتچىلىك قىلىپ، بالقانلىق ۋە روسىيىلىكلەردىن نۇرغۇن سلاۋىيانشۇناس ئالىملارنى تەربىيىلەپ چىققان. 1890 - 1906 - يىللىرى خاركوۋ تارىخ تىل - يېزىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1898 - يىلدىن باشلاپ پېتربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. <بالقان يېرىم ئارىلىدىكى سلاۋىيانلار> ۋە <يۇگوسلاۋىيىلىكلەر بىلەن Ⅹ ئەسىردىكى ۋىزانتىيىلىكلەر> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.