Uyghur←ChineseMain Dictionary
دېرىن دەرياسى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر得梨河
dé lí hé
ئالبانىيىدىكى بىرىنچى چوڭ دەريا. ئۇنىڭ باش مەنبەسى يۇگوسلاۋىيىدىكى مۇكىر - گور تېغىدىن باشلىنىدىغان ئاق دېرىن دەرياسى ۋە ئالبانىيە - يۇگوسلاۋىيە چېگرىسىدىكى ئوخرىد كۆلىدىن باشلىنىدىغان قارا دېرىن دەريالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەشكىل تاپىدۇ، بۇ ئىككى دەريا كۇكېس شەھىرىگە كەلگەندە قوشۇلۇپ دېرىن دەرياسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 281 كىلومېتر، كۆلىمى 5817 كۋادرات كىلومېتر، دېرىن دەرياسى ئالبانىيە قىسمىدا 1000 مېتر چوڭقۇر تاغ جىرالىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، دەريانىڭ ئېقىنى تېز، قاتناش قىلىشقا قولايسىز. بىراق سۇ ئېنېرگىيىسى مول بولۇپ، پۈتۈن ئالبانىيە سۇ ئېنېرگىيىسى زاپىسىنىڭ 3/2 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر بۇ دەرياغا ئالبانىيە بويىچە ئەڭ چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانىسى سېلىنغان. دەريا سۈيىدىن يېزا ئىگىلىك شەھەرلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.