UyghurMain Dictionary
دراپېر
دۇنيا تارىخى
(1811-1882)ئامېرىكىلىق ئالىم، تارىخشۇناس، ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا لوندون داشۆسىدە ئوقۇغان. 1833-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن. پېنىسلۋانىيە داشۆسىدە مېدىتسىنائۆگەنگەن. 1836-يىلى تېببىي پەنلەر دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئىگە بولغان. 1838-يىلى نيۇيورك شەھەرلىك داشۆ(كېيىن نيۇيورك داشۆسى)نىڭ خىمىيە پروفېسسورى بولغان. 1850-1873-يىللىرى بۇ مەكتەپنىڭ قارىمىقىدىكى تىببىي شۆيۈەننىڭ مۇدىرى بولغان.رادىئاتسىيە ئېنىرگىيىسى ۋە فوتو خىمىيە جەھەتتىكى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شوغۇللانغان. تارىخشۇناسلىق جەھەتتىمۇ مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن<ياۋرۇپانىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تەرققىياتى تارىخى>بولۇپ، ئۇنىڭدا تارىخنى تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرى بىلەن چۈشەندۈرگەن. بۇ كىتاب ئون نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۈچ توملۇق<ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش تارىخى>دا لىنكولىن زۇڭتۇڭ باشچىلىقىدىكى فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەمدە جەنۇپ بىلەن شىمال ئۇرۇشىنىڭ ئىجتىمائىي ئازادلىقتىن ئىبارەت ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مۇندىن باشقا يەنە<دىن بىلەن پەن ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش تارىخى>قاتارلىقلار بار