Uyghur←ChineseMain Dictionary
دراكو
Domain: دۇنيا تارىخى德拉古
dé lá gǔ
(مىلادىدىن ئىلگىرى ⅤⅡئەسىرنىڭ ئاخىرى) قەدىمكى ئافىنالىق قانۇنشۇناس تەخمىنەن مىلادىدىن 621 يىل ئىلگىرى ئادەت قانۇندا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، قاتتىقلىقى بىلەن نام چىقارغان. قانۇندا قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرز قايتۇرۇش قۇربى يەتمىگەن قەرزدار ۋە ئۇنىڭ ئائىلەتەۋەلىرىنى قۇل قىلىشىغا ياكى قۇل قاتارىدا سېتىشىغا يول قويۇلىدۇ؛ ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ھەتتا كۆكتات، مېۋەچېۋىلەرنى ئوغرىلىغانلارغىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، قەدىمكى يازغۇچى پروتاك ئۇنىڭ قانۇنىنى تەسۋىرلەپ:<بۇ قانۇن سىياھ بىلەن ئەمەس، قان بىلەن پۈتۈلگەن>(سولون تەرجىمھالى) دەپ يازغانىدى. كېيىنكىلەر بۇ قاتتىق قانۇنىنى<دراكو قانۇنى>دەپ ئاتىغان. لېكىن ئۇ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ماددىلار بويىچە جىنايەت بېكىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئاقسۆڭەكلەر خالىغانچە بىر تەرەپ قىلمايدىغان بولغان. كېيىن دراكو قانۇنىنىڭ جىنايى ئىشلار قىسمى يەنىلايولغا قويۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئابىدە(پارچە)ئەۋلادقا قالغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.