UyghurMain Dictionary
دوخا
بىئولوگىيە
قاتارنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، قاتارنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى. ئاھالىسى 180 مىڭدىن ئوشۇق (1980) بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ 4/3 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ جاي ئەسلى كىچىك بىر بېلىقچىلىق پورتى بولۇۇپ، مەرۋايىت سۈزۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پاراخوتلار توپلىنىدىغان ئورۇن ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قاتاردا نېفىت تېپىلغاندىن كېيىن نېفىتنىڭ ئېلىنىشىغا ئەگىشىپ خېلى زامانىۋىلاشقان پورت شەھىرىگە ئايلاندى. شەھەردە دېڭىز سۈيىنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش زاۋۇتى، ئېلېكتر ئىستانسىسى، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، ئوغۇت زاۋۇتى، سېمونت زاۋۇتى، ئاليۇمىن تاۋلاش زاۋۇتى قاتارلىق زاۋۇتلار ۋە خەلقئارا ئايرودرومى بار.