UyghurMain Dictionary
دوسسېل دورف
بىئولوگىيە
گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېين دەريا بويىدىكى رۇر رايونىنىڭ مۇھىم سانائەت شەھىرى، ئاتاقلىق دەريا پورتى، شىمالىي رېين ۋېستفالىيە ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 608 مىڭدىن ئاشىدۇ. دوسسېلدورف گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم پۇل مۇئامىلە مەركىزى. گېرمانىيە مونوپول كاپىتالىستلىرىنىڭ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان. بۇ شەھەردە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيە، پولات - تۆمۈر، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، نازۇك ئەسۋاب - ئۈسكۈنە، ئەينەك، توقۇمىچىلىق، قەغەزچىلىك، كۆمۈركان قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ماشىنىسازلىق ۋە مېتالچىلىق سانائەتلىرى گېرمانىيە بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. دوسسېلدورف شەھىرىنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، دەريا پاراخوتلىرى شەھەردىن دەريانىڭ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، دەريا پاراخوتلىرى شەھەردىن دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا قاراپ گوللاندىيىنى بېسىپ ئۆتۈپ شىمالىي دېڭىزغا چىقالايدۇ. يۇقىرى ئېقىمغا قاراپ يۈرسە، كىلېن، مانگىم شەھەرلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ شىۋېتسارىيىنىڭ بازىل شەھىرىگە قەدەر بارالايدۇ، رېين دەرياسى بىلەن باشقا دەريالارنى تۇتاشتۇرىدىغان قاناللار ئارقىلىق فرانسىيىگە، گېرمانىيىنىڭ شىمالىغا ھەتتا بېرلىن شەھىرىگە كېلەلەيدۇ. ئۇنىڭ سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، شەھەردىن ئەتراپقا تارقالغان نۇرغۇن تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.