UyghurMain Dictionary
دوق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نالايىق ئىش _ ھەرىكەتلەرگە قارىتا ئېيتىلىدىغان قاتتىق ۋە ئاچچىق سۆز، تەنبىھ.
دەردمەنگە دەككە بەرمە. دەشنام يېگىنىم _ بەش نان يېگىنىم. بىرىنچى زەربە ئۇرۇشنىڭ يېرىمىغا تەڭ. قاتتىق سوققا تەلۋىنى تۈزەيدۇ. داۋىخورنىڭ داۋىسىنى بەر.ھورۇن دوق يەيدۇ، باتۇر ئوق. يۇرتىغا ئىشەنگەن پەشۋا يېمەس. قىلغىنىغا يارىشا تېپىك يېدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا قىلغان ياخشىلىقنى يۈزىگە سالماق.
خىزمەت قىلدىڭ خوپ قىلدىڭ، مىننەت قىلدىڭ ھېچ قىلدىڭ. ھالال تاماقنىڭ دوقى يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەرگەن ياردىمىنى دام قىلماق، پېشانىسىگە قويماق.
ھىممەت، مۇرۇۋەت
ئوچۇق قوللۇق بىلەن كىشىلەرگە ياردەم بەرمەك.
ھىممەت قىل، مىننەت قىلما. ئەمگەكتىن قاچما، دوقتىن قاچ. سۆلەت تۆگىدە، ھىممەت قويدا. بېخىلنىڭ ئۆيىدە نان بار، ھىممەت يوق؛ ھورۇننىڭ تېنىدە جان بار، غەيرەت يوق. ھالال تاماقنىڭ دوقى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قورقۇتۇش يۈزىسىدىن ئېيتىلغان سۆز، قىلىنىدىغان ھەرىكەت؛ سىياسەت.
دوق قىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
بىر نەرسىنىڭ يەنە بىر نەرسىگە ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز.
قاراڭغۇدا <دوق> قىلىپ تامغا ئۈسسۈۋالغانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى.