Chinese→UyghurMain Dictionary
东乡平八郎
دۇنيا تارىخى
توگوھېيما چېرو ماركوئېسس
(4818 - 1934) ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى مارشالى. سامورايدىن كېلىپ چىققان سامو ۋاسساللىقى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئۇرۇشىغا، ۋۇچىڭ ئۇرۇشىغا قاتناشقان. مىيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئەنگىلىيەگە بېرىپ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئۆگەنگەن. 1894 - يىل 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى <دولقۇن سۈرئىتى> ناملىق پاراخوتنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ <يۇقىرى ئۆرلەش> ناملىق سودا ترانسپورت پاراخوتىغا توپ ئېتىپ چۆكتۈرۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، جۇڭگو - ياپون جياۋۇ ئۇرۇشىنى قوزغىغان، ئۇرۇشتىن كېيىن دېڭىز ئارمىيە داشۆسىنىڭ مۇدىرى، زاپاس فلوتنىڭ قوماندانى، مائىزۇرۇ بازىرىنى قوغداش قوماندانى بولغان. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بىرلەشمە فلوتنىڭ قوماندانى بولغان.1904 - يىلى 6 - ئايدا ئادمىراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1905 - يىلى 5 - ئايدا ياپون دېڭىزىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىپ، روسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزى فلوتىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا ھەربىي پەرمان مىنىستىرى بولغان. 1901 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي كېڭەش باشلىقلىقىغا ئالماشتۇرۇلغان. 1913 - يىلى مارشاللىققا ئۆستۈرۈلگەن. ئاخىرقى ئۆمرىدە ئارمىيە ئىچىدىكى قاتتىق قوللۇقلارنىڭ تايانچىسى بولۇپ قالغان.