Chinese→UyghurMain Dictionary
动物形态学
بىئولوگىيە
ھايۋانلار مورفولوگىيىسى
ھايۋانلار تېنىنىڭ ئىچكى - تاشقى تۈزۈلۈشى ھەمدە ئۇلارنىڭ يەككە يېتىلىش ۋە سىستېمىلىق يېتىلىش جەريانىدىكى ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى مىكروسكوپ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ھايۋانلارنىڭ توقۇلما ۋە ئورگانلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان قىسمى ئاناتومىيە دەپ ئاتىلىدۇ؛ ھۈجەيرە، ئورگان ۋە توقۇلمىلارنىڭ تۈزۈلۈشى ھەمدە فۇنكىسىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان قىسمى سىتولوگىيە ۋە گىستولوگىيە دەپ ئاتىلىدۇ؛ ھازىرقى زامان ھايۋانلىرىنىڭ ئورگانلىرىدىكى ئوخشاشلىق ۋە ئوخشاشماسلىقلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەدرىجىي تەرەققىياتنى تەتقىق قىلىدىغان قىسمى سېلىشتۇرما ئاناتومىيە دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەككە يېتىلىش جەريانىدا، ھايۋانلار ئورگان سىستېمىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇش جەريانىنى تەتقىق قىلىدىغان قسىمى ئېمبېرىئولوگىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەر قاتلىمىدىكى قەدىمكى ھايۋانلارنى تەتقىق قىلىدىغىنى پالېىئونتولوگىيە دەپ ئاتىلىدۇ.