Chinese→UyghurMain Dictionary
东史纲目
دۇنيا تارىخى
شەرق تارىخى تېزىسلىرى
چاۋشيەننىڭ جىزى دەۋرىدىن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە بولغان جەريان بايان قىلىنغان يىلنامە شەكىلدىكى تارىخ كىتاب. لى سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان ئەن دىڭفۇ يېزىپ چىققان بۇ كىتاب جۇڭگو ۋە چاۋشيەننىڭ تارىخ كىتابلىرى ۋە يازما يادىكارلىقلىرىدىن كەڭ دائىرىدە پايدىلىنىش ئاساسىدا <ئومۇمىي ئۆرنەكلەر> شەكلىدە يېزىلغان. جەمئىي 20 توم(بىرىنچى جىلد بىر كىتاب، ئىلاۋە ئىككى كىتاب، رەسمىي تارىخ 17 كىتاب). بىرىنچى جىلدكىرىش، مۇندەرىجە، كىتابنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدە، كىتابنى ئوقۇش كۆرسەتمىسى، خەرىتە، ئەمەلدارلار جەدۋىلى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن. ئىلاۋە ئايرىم جايلار، غەلىتە ئىبارە، پارچە - پۇرات بايانلارنى تەكشۈرۈش، جۇغراپىيىلىك رايونلارنى دەلىللەش، ساھەلەرگە ئايرىش قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن يەر - جاي ناملىرىنىڭ ھازىرقى نامى ئىزاھلانغان، گەرچە قەدىمكى ناملارغا ئىزاھ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قەدىمكى پېتىچە ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، دەلىللەشكە قالدۇرۇلغان. شەخسلەر تەرىپىدىن يېزىلغان تارىخ كىتابلىرى ئىچىدە بۇ كىتابنىڭ نامى مەشھۇر بولۇپ، <چاۋشيەن مەجمۇئەلەر سىستىمېسى>غا كىرگۈزۈلگەن.