Chinese→UyghurMain Dictionary
东南亚国家联盟
دۇنيا تارىخى
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى
قىسقارتىپ <شەرق ئىتتىپاقى> دەپ ئاتىلىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ رايون خاراكتىرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1967 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تايلاندنىڭ پايتەختى مەنگۇدا قۇرۇلغان. ئەزا دۆلەتلەر: ھىندۇنېزىيە، تايلاند، فىلىپپىن، سىنگاپور ۋە مالايشيالاردىن ئىبارەت. <شەرق ئىتتىپاقى> قۇرۇلغاندىن كېيىن، <ئۆزئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش>نى تەكىتلىگەن. 1971 - يىلى 11 - ئايدا ئېچىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، <شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى بىتەرەپ قىلىش خىتابنامىسى>نى ماقۇللاپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى تىنچ، ئەركىن ۋە بىتەرەپ رايونغا ئايلاندۇرۇپ، سىرتتىن كىلىدىغان كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئارىلىشىشنى قوبۇل قىلماسلىقنى جاكارلىغان، 1980 - يىلى 3 - ئايدا شەرق ئىتتىپاقى ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسى بىلەن ئقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شەرق ئىتتىپاقى - ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسى ھەمكارلىق كومىتېتىنى قۇرغان. بۇ ئىتتىپاق ھەر يىلى بىر قېتىم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان مىنىسترلار يىغىنى ئاچقاندىن باشقا يەنە دائىمىي كومىتېتى ۋە كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلغان. كاتىبات باشقارمىسى جاكارتادا تەسىس قىلىنىغان.
قانۇن
dōng nán yà guó jiā lián méng
شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى