Chinese→UyghurMain Dictionary
动机体系
پسىخولوگىيە
مۇددىئا سىستېمىسى
بىر كىشىدە ھامان مۇرەككەپ ۋە خىلمۇ خىل مۇددىئا بولىدۇ. بۇ مۇددىئالار مەلۇم مۇناسىۋەت بىلەن مۇددىئا سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. مۇددىئانىڭ پەيدا بولۇشى ئېھتىياجنى ئاساس قىلىدۇ. كىشىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان بولىدۇ. مۇددىئا تەبىئىي مۇددىئا بىلەن ئىجتىمائىي مۇددىئاغا بۆلۈنىدۇ، ھەم ئۇ «ماددىي مۇددىئا» ۋە « مەنىۋىي مۇددىئا» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىجتىمائىي مۇددىئا مەزمۇن پەرقىگە قاراپ ماددىي تۇرمۇش پائالىيىتى مۇددىئاسى، ئىلمىي پائالىيەت مۇددىئاسى، ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى مۇددىئاسى ۋە ئىجتىمائىي سىياسىي پائالىيەت مۇددىئاسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ، سەنئەت پائالىيىتى مۇددىئاسى سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش مۇددىئاسى ۋە سەنئەت ئىجادىيەت مۇددىئاسىغا بۆلۈنىدۇ. بۇ مۇددىئا ئىجتىمائىي قىممىتىگە قاراپ، كوللېكتىۋىزىم مۇددىئاسى ۋە شەخسى مەنپەئەتپەرەسلىك مۇددىئاسى قاتارلىقلارغابۆلۈنىدۇ. كىشىنىڭ مۇددىئا سىستېمىسىدىكى ھەر خىل مۇددىئالارنىڭ كىشىنىڭ ئىرادە پائالىيىتىدىكى رولى ۋە ئەھمىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى مۇددىئالار كۈچكۈكرەك ھەم مۇقىم بولىدۇ. مۇنداق مۇددىئا كىشىنىڭ يېتەكچى مۇددىئاسى بولۇپ، ناھيىتى زور رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. يەنە بىر مۇنچە مۇددىئالار ئاجىز ھەم تۇراقسىز بولۇپ، بۇلار تەسىرى ئاجىز ئىككىنچى ئورۇندىكى مۇددىئا ھېسابلىنىدۇ. ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەتتىكى مۇددىئالارنىڭ شەخسكە نىسبەتەن رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ئاخىرقى ھېسابتا، شەخسىدىكى مۇددىئالار سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە باغلىق، كىشىنىڭ مۇددىئا سىستېمىسى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئەمەلىيەت جەريانىدا شەكىللىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرۇش ھالىتىدىكى قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. مۇددىئا سىستېمىسى ئاساسەن شەخسنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتى تەسىرىدە شەكىللەنگەنلىكتىن، ئۇ كىشىنىڭ ئىدىيۋى ئېتىقادى، مەدەنىيەت تەربىيىسى ۋە ئەخلاقىي قىياپىيىنى ئەكس ئېتىدۇ.