Chinese→UyghurMain Dictionary
东方选
Domain: دۇنيا تارىخىشەرق توپلاملىرى
چاۋشىيەننىڭ سىللا دەۋرىدىن تارتىپ لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئەدىبلەرنىڭ شېئىر، ماقالىلىرى توپلىمى. جەمئىي 155 جىلد، بىرىنچى ۋە داۋامى دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان. بىرىنچى قىسمىنى شۈي جۈيجېڭ قاتارلىقلار 1478 - (چېڭ زوڭ 9 - يىلى) تۈزۈپ چىققان. جۇڭزۇڭ مەزگىلىدە (1506 - يىلىدىن 1544 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) شېڭ يۇڭكەيلەرگە پەرمان چۈشۈرۈلۈپ، بىرىنچى كىتاب تۈزۈلگەندىن كېيىنكى 40 نەچچە يىللىق ئەسەرلەر توپلامنىڭ داۋامى ھىسابىدا تۈزۈپ چىقىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى <كورىيە تارىخى>دا تىلغا ئېلىنماي قالغان قىسىملار، كورىيە دەۋرىدىكى شېئىر، ماقالىلەر كورىيە خاندانلىقى دەۋرىدىكى چاۋشيەن تارىخى ۋە ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.