UyghurMain Dictionary
دوناي مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
ياۋروپانىڭ تىرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ بىرى. ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا، شەرق قىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا كەڭ تارالغان؛ بۇ رايوندىكى ئەڭ قەدىمىي تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى بولۇپ، ئۇنى Ⅰ دەۋر ۋە Ⅱ دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. مىلادىدىن 5000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارغىچە بارا - بارا سېرىق توپىلىق جايلارغا تارقالغان، بۇ جايلاردا بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق زىرائەتلىرى تېرىلغان. ساپال قاچىلىرى، گۈللۈك ساپال قاچىلار ۋە چېكىپ گۈل چىقىرىلغان ساپال قاچىلارنى بەلگە قىلغان. تاش قوراللىرىدىن سىپتا تاش قورال ۋە سىلىقلاپ ئىشلەنگەن بۇيۇملار ۋە قۇلۇلە تىپىدىكىلەردىن ئىشلەنگەن زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىمۇ بولغان. قەبىلىلەر تۆت چاسا تىك ئۆڭكۈرلەردە ياشىغان، ھەممىسىنىڭ قاشا تاملىرى بولغان، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدا مەيدانغا كەلگەن تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ياۋروپاغا تارقىلىشىنى مۇھاكىمە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگەن. دوناي Ⅰ دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك خارابىسى: كولن. لىندېنتال Ⅱ دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك خارابىسى لېسېن تزا قاتالىقلاردىن ئىبارەت.