UyghurMain Dictionary
دومىنات تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
لاتىنچە dominatus بولۇپ<پادىشاھلىق تۈزۈم>دېگەن مەنىدە رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى(284-764)دىكى بىر خىل ھۆكۈمرانلىق شەكلى. مىلادى 284-يىلى دېئوكلېتىئانوس تەختكە چىققاندا رەسمىي قوللانغان. بۇ ئىمپېرىيىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى پرىنسى تۈزۈمى(دۆلەت باشلىقى سىياسى)غا ئوخشىمايدۇ. بۇ تۈزۈم بويىچە رىم پادىشاھى مۇستەبىت پادىشاھ(لاتىنچە<خوجايىن>دېگەن مەنىدە) قا ئايلانغان. ئۇ مېنىڭ ھاكىمىيىتىم تەڭرىدىن كەلگەن(پادىشاھ ھوقۇقىنى تەڭرى ئاتا قىلغان). مېنىڭ بويرۇقۇم قانۇنىي كۈچكە ئىگە، پۇقرالارغا قارىتا ئۆلتۈرۈش ئۆلتۈرمەسلىك، ئاتا قىلىش تارتىۋېلىش ھوقۇقۇم بار دەپ ھېسابلىغان ھەمدە شەرق پادىشاھلىرىنىڭ ئوردا قائىدە - يوسۇنلىرىغا تەقلىد قىلغان. غەربىي رىم ئىمپرىيىسى ھالاك بولغان (476) كېيىن، شەرقىي (ۋىزانتىيە) ئىمپېريىسى يەنە داۋاملىق قوللانغان.