UyghurMain Dictionary
دوك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۈمبىسى دۈمچەيگەن.
دوك ئەر توكۇر خۇتۇندىن كۈلۈپتۇ. دۈمچەك گۆرگە كىرگەندە تۈزىلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بېلىنىڭ يۇقىرىسى ئالدىغا ئېگىلگەن، ساغرىسى ئارقىغا چىققان دۈمچەك.
ئارۇپ ئاكام قېرىپ كېتىپتۇ، مۈكچىيىپ، غوللىرى دوك ئادەمگە ئوخشاش ئۆسۈپ چىقىپتۇ.
دوك گۆرگە كىرگەندە تۈزىلەر (ماقال).
دوكقا ئوخشاش ئېگىلگەن، دوكقا ئوخشاش (نەرسىلەر ھەققىدە).
دوك ئوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
ئاياغنىڭ يەرگە ئۇرۇلۇشى ۋە قاتتىق نەرسىلەرنىڭ تېگىشىدىن چىققان بوغۇق ئاۋاز.