UyghurMain Dictionary
دۆلەتنى قامال قىلىش پەرمانى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ئېدوگاۋا شوگناتىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن باردى - كەلدى قىلىش ۋە سودا قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئەر - پەرمانى. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، غەربىي ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر يەنى پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن ياپونىيىگە كېلىپ دىن تارتقان ۋە سودا قىلغان. شوگنات دائىلىرى شوگنات تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەش، خرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشىنى مەنئى قىلىش، سودىگەرلەرنىڭ كۈچيىپ كېتىپ بارگاھ بىلەن قارىمۇ قارشىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1616-يىلى جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ سودا كىملىرىنىڭ پەقەت خروسىما، پىڭخۇ (ھازىرقى خروسىما ناھىيىسى پىڭخۇ ئرىلىنىڭ شىمالىي ئۇچى) دىن ئىبارەت ئىككى پورتتىلا توختىشىنى بەلگىلىگەن. 1624-يىلى شوگنات ئىسپانىيە بىلەن سودا قىلىشنى رەت قىلغان. 1633-يىلى شوگنات <دۆلەتنى قامال قىلىش پەرمانى> نى ئېلان قىلىپ، بارلىق ياپون كېمىلىرى ۋە ياپونلۇقلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىنى قەتئىي مەنئى قىلغان، شۇنداقلا ياپونلۇقلارنىڭ چەت ئەلدىن قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغان، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. 1634-يىلى خروسىمادا چىقىش ئارىلى ياساپ، چەت ئەللىكلەرنى شۇ يەرگە كۆچۈرگەن. 1937-يىلىدا داۋيۈەن، تيەنساۋ قوزغىلىڭىدىن كېيىن دىن تارقىتىشنى تېخىمۇ قاتتىق مەنئى قىلغان. 1639 - يىلى شوگنات پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ ياپونىيىگە كېلىشىنى مەنئى قىلغان، خروسىماغا كېلىدىغان سودا كېمىلىرى جۇڭگو ۋە گوللاندىيە بىلەنلا چەكلەنگەن. 1641 - يىلى پىڭخۇدىكى گوللاندىيە سودا سارىيىنى چىقىش ئارىلىغا كۆچۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنى قامال قىلىش تۈزۈلمىسى ئورۇندالغان. دۆلەتنى قامال قىلىش 200 يىلدىن كۆپرەك داۋاملىشىپ، ياپونىيىنى خەلقئارادا يېتىم ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان. 1853 - يىلى <ئەنجېڭ شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندىن كېيىن، دۆلەتنى قامال قىلىش تۈزۈلمىسى بۇزۇپ تاشلانغان.