UyghurMain Dictionary
دېنكىن
دۇنيا تارىخى
(1872 - 1947) سوۋېت روسىيىسى ئىچكى ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي باشلىقلارنىڭ بىرى. ئەسلىدە چارروسىيە گېنېرال لېيتېنانتى ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە دىۋىزىيە باشلىقى، جۈنتۇەن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1917-يىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېىن باش شتاب بالشىقى، غەربىي سەپ ۋە غەربىي جەنۇبىي سەپ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن كورنىلوۋ قاتارلىقلار بىلەن دون دەرياسى رايونىدا ئاق گۋاردىيە <پىدائىيلار قوشۇنى> تەشكىللىگەن 1918-يىلى كۈزدە ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ <جەنۇبىي روسىيە قوراللىق كۈچلىرى> نىڭ باش قوماندانى بولۇپ، جەنۇبىي روھىيىنىڭ زور بىر قىسىم رايونلىرىنى ئىشغال قىلغان. 1919-يىلى ياز ۋە كۈزدە موسكۋاغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان. 10 - 11-ئايلاردا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. ئىككىنچى يىلى ئاپرېلدا ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن.