Uyghur←ChineseMain Dictionary
دىنىي باج رەختى
Domain: دۇنيا تارىخى神税布
shén shuì bù
چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئالۋان - ياساقنىڭ بىر تۈرى. لى سۇلالىسى دەۋرىدە جياڭيۇەن ئۆلكىسى بىلەن شيەنجىڭ ئۆلكىسىدىكى پېرىخونلاردىن دىنىي باج ئېلىنغان. شىزۇ(1455-1468-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)نىڭ ئاخىرقى يىللىرى بۇ خىل باج ئېلىش دائىرىسىنى شيەنجىڭ ئۆلكىسىنىڭ بارلىق پۇقرالىرىغىچە كېڭەيتىپ كاناپ قاتارلىق نەق نەرسىلەرنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى دىنىي باج رەختى دەپ ئاتىغان. 1467-يىلى شيەنجىڭ ئۆلكىسىدە دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا مۇشۇ دىنىي باج رەختىنىڭ ئېلىنىشى بىۋاستە سەۋەب بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن لى سۇلالىسى دىنىي باج رەختىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، <لى شىئەي قوزغىلىڭى>غا قاراڭ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.