Uyghur←ChineseMain Dictionary
دىمىتروۋ
دۇنيا تارىخى
季米特洛夫
jì mǐ tè luò fū
(1882 - 1949) بۇلغارىيە كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى ۋە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى (1946 - 1949)، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى. ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مەتبەئە ئىشچىسى بولغان. 1902-يىلى ئىشچىلار سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىگە كىرگەن. ئىككىنچى يىلى بۇ پارتىيە پارچىلانغاندا، <ئىتتىپاق تەرەپدارلىرى> نىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، 1903-يىلى بۇ گۇرۇھنىڭ سوفىيىدە تەشكىللىگەن دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1909-يىلى يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، بۇلغارىيە ئىنقىلابىي ئىشچى - خىزمەتچىلەر باش ئىتتىپاقىنى سىكرىتارلىقىغا سايلانغان .1919-يىلى <ئىتتىپاق تەرەپدارلىرى> بۇلغارىيە كومپارتىيىسىگە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىن، رەھبەرلىك خىزمىتىنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالغان ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 3-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ (1921)، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتتېىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1923-تەكە سېبتەبر قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1933-يىلى گىتلېر رېيخىستاگقا ئوت قويۇش دېلوسىنى پەيدا قىلغاندا قولغا ئېلىنغان، لېيپسىگتا سوراق قىلىنغاندا فاشىستلارنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلغان، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 1934-يىلى 7-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغان. 9351 - 1943-يىللىرى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1942-يىلى بۇلغارىيە ۋەتەن فرونتىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1944-يىلى سېنتەبر قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. <رېيخىستاگقا ئوت قويۇش دېلوسى>، <لېيپسىگ سوتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
季米特洛夫
jì mǐ tè luò fū